ئادەم بولۇپ دۇنياغاتۇغۇلغاندىن قورقىمەن،
گەدەنگىچەقەرزگەبوغۇلغاندىن قورقىمەن.
جەمئىيەتكەماسلىشىپ ياشالماستىن ئارماندا،
بىربۇلۇڭدا داتلىشىپ بۇزۇلغاندىن قورقىمەن.
ئەدەپ-ئەخلاق ئۆلچىمى يۈكلەنگەندەبويۇنغا،
ئۇنى سەزمەي بېرىلىپ كەيىپلەرگەئويۇنغا.
تەتۈرلۈك قىپ بىركۈنى ئايلانغانداقۇيۇنغا،
قىممىتىمنىڭ خارلىنىپ توزىشىدىن قورقىمەن.
بۇدۇنياغابىرنۆۋەت كېلەرئىكەن ئادەملەر،
كۈتەرئىكەن بەزىدەئۆزگىلەردىن ياردەملەر.
يەلكىسىدىن باسسىمۇ تۈرلۈك جاپا-ئەلەملەر،
بەل قويۇۋېتىپ غەپلەتكە پېتىشىمدىن قورقىمەن.
سەھەرتۇرساھەركۈنى ساغلام بولۇرتەنلىرى،
ئاغرىمايدۇئالدىراپ مۈكچەيسىمۇبەللىرى.
تىرىشقاندا ھەرقاچان تۈگەرنۇرغۇن غەملىرى،
ئۇخلاپ قېلىپ غەپلەتتە يېتىشىمدىن قورقىمەن.
ئەدەپ-ئەخلاق بابىدا ئېچىلغاندا گۈللىرىم،
خۇشال-خورام ئۆتەركەن مەنىلىك ھەركۈنلىرىم.
خاتا ئىشنى ئويلىسام چىقماس ھەرگىز ئۈنلىرىم،
توغرا يولدىن بىركۈنى ئېزىشىمدىن قورقىمەن.
بەخت دىگەن ھەركىمنىڭ بىرجۈپ ئوماق قولىدا،
بېرەرئىكەن تىرىشسا ياخشى ئىشنىڭ يولىدا.
ئەجىرقىلاي تەرتۆكۈپ بەخت-ئىقبال يولىدا،
ھورۇنلىشىپ لالمىدەك كېتىشىمدىن قورقىمەن.
ئارزۇسى بار ئادەمنىڭ نىشانى ھەم بولىدۇ،
توغرا تاللاپ تىرىشسا ئۆمۈرگە گۈل قونىدۇ.
يىتەلىسە ئارمانغا ھاياجانغا تولىدۇ،
ئارزۇ قىلماي ھايۋاندەك ئۆلۈشۈمدىن قورقىمەن.
ئۆرنەك بولۇر ئۇستازلاربىزلەرگە يول باشلاشتا،
مەدىنيەتنى تارقىتىپ خوراپاتنى تاشلاشتا.
بىز يۈرەمدۇق تېخىچە بېشىمىزنى قاشلاشتا،
پۇرسەت كەلسە تۇتالماي توزۇشۇمدىن قورقىمەن.
ئاپتۇرى:غۇلجا شەھەر ئىچىدىن يۈسۈپ جان تاھىر ئوت يۈرەك
2015.يىل 8.ئاينىڭ 1.كۈنى13899731584
205 قېتىم كۆرۈلدى | يۈسۈپجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-1 19:29:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|