ئاشىق نىداسى
بۇ كېچە قەلبىمنى باستى بىر غەپلەت،
يۈرىكىم قانداقتۇر بىرلەرنى ئىزدەپ.
شۇنچىلىك سېغىنغان بىرلەرنى قەۋەت،
ئۆزۈمنى خىيالغا چۆكۈردۈم ھەدەپ،
كەلمەسكە كەتسىمۇ كۈتەركەن كۆڭۈل،
ۋەلېكىن خەۋەرسىز سېغىندۇرغان يار.
ئالتۇن كۈز ياپرىقى ئالتۇندەك تۆكۈل،
ياپراقلار ئۈستىنى باسسۇن كۆمۈش قار.
كۆرىمەن،بىلىمەن لېكىن چاندۇرماي،
بۇلبۇللار كۈيىگە جاۋاپ قايتۇرماي.
بىراۋلا سەن پەقەت باشقا بىرى يوق،
شۇ نازۇك قەلبىمنى ئارام تاپقۇزماي.
سەۋرىمنىڭ ئاخىرى تاقىتى توشتى.
چۈنكى ئۇ پەرۋاسىز كۆڭۈل ئوغرىسى.
شۇنچىلىك ساخلىدى شۇنچىلىك كۈتتى،
ۋاز كېچىش بۇ يولدا ئەڭ توغرىسى.
-سەۋىر
217 قېتىم كۆرۈلدى | 1366914514 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-14 15:05:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|