ھالىمغا يەت
مەمەتجان سەمەت
كۆز ئالدىمدا تۇرار ھەردائىم،
بىز كۆرۈشكەن ئاشۇ دەقىقە.
ئويلاپ باقسام ئولتۇرۇپ بىردەم،
كۆڭلۈم چۈشۈپ قاپتۇ ئەسلىدە.
قانداق قىلاي بىلمەيلا قالدىم،
ئىشقى ئوتى بەرمىدى ئارام.
كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە ھەم،
تاغدەك ئېغىر يۈرەكتە يارام.
بىلىپ يەتتىم ئاخىرى شۇنى،
سەنسىز ياشاش ماڭا ھارامكەن.
سەن ئالغاندەك قەلبىمدىن ئورۇن،
ھېچ بىر كىشى ئەسلا ئالماسكەن.
چىڭ باغرىڭغا بېسىپ قۇچاقلاپ،
ھالىمغا يەت ئەي گۈزەل جانان.
تولا ئويلاپ غەملىرىڭنى يەپ،
بۇلۇپ كەتتى ھالىم بەك يامان.
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
250 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-20 17:01:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|