ئانا
گۈلەندەم ھىسام چوغلۈق
بۇ ئالەمنىڭ مېھمىنى، ئارامى سەن ئانا،
پەرزەنتلىرىڭ بېشىدا ئالتۇن تاجى ھەم.
ئەللەيلەپ ئۆستۈردۈڭ چاڭ قوندۇرماي،
بىرئۆمۈر يىدىڭ سەن پەررەنت ئۈچۈن غەم.
ئەللەي ناخشاڭ بەختىم ناخشىسى،
ئانا مېھرىڭ چەكسىز ئوكياندۇر.
كۆزۈڭدىن كۆرىمەن قۇياش تەپتىنى،
قەلبىڭ گوياكى ئىللىق دۇنيادۇر.
بىر ئۆمۈر سىڭدۈرۈپ بىزگە كۆپ ئەجىر ،
ئاق سۈتۈڭدىن بەردىڭ مېھىرى-ۋاپانى.
ئۈگەتتىڭ ھەقىقى ئىنسان بولۇشنى،
بالا ئۈچۈن تارتتىڭ تاغدەك جاپانى.
ھەرەمگە يەتتە رەت يۈدۈپ بارساممۇ،
قىلالماسمەن بالىلىق بۇرچۇمنى ئادا.
ئانا قەدرىڭگە يەتتىم مەن مانا،
مەنمۇ چوڭ بولۇپ بولغاندا ئانا.
2001-يىلى4-ئاپىرىل شىخو كۆمۈركان·
145 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلەندەم ھىسام چوغلۈق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-30 15:58:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|