تىلىمغا خىتاپ
ئاپتۇرى;ئېھسان(ئاۋات)
سۈكۈت قىل تىلىم دانا ئالدىدا،
زىكىر قىل رەبنى پىنھان دالدىدا.
تامدۇرغىن دائىم شېرىن سۆزلەرنى،
ماختا بىراۋنى غەيۋەت ئورنىدا.
ساقايسىمۇ تېز تىغ جاراھىتى،
ساقايماس ئەمما تىل جاراھىتى.
ياخشىلىق سۆزلە ھەقىقەتنى دە ،
سىنىڭدىن بولسۇن تەن ھارارىتى.
سەن گويا ماڭا ماي بۇياق قەلەم،
شېرىن سۆزلىرىڭ ياراغا مەلھەم.
گەر قىلمىساڭ ئەخلاقنى ھەمرا،
سەندىن كېلىدۇ قايغۇ ھەم ئەلەم.
شېرىن سۆز بولساڭ گويا سەن توز،
سەن سەۋەپلىگىن مەن چىرايلىق ئۇز.
بەتبەشىر بولساڭ ھاياسز بولساڭ
ياراغا سېپىلگەن زەرداپچى بىر تۇز. ،
پاساھەتلىك بول كازاپ بولمىغىن،
ئالداپ بىرىنى ساختا كۈلمىگىن.
كۆپ سۆزلىمەستىن سۈكۈتتە ئويلا،
چوڭ سۇپەت بول پوچى بولمىغىن.
قالايمىقان ئاپتۇرىنى ئۆچۈرمەڭ !
2015/9/1كۈنى (ۋاقتى چاشگاھ)
دىيارى ئاۋات ئېھسان
ئۈندىدار 1410037590
197 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-1 10:54:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|