قايتىپ كەل
يۈرگەن ئىدۇق ئەجەپ خۇشال بىر مەھەل،
بۇ سۆيگۈگە قىلالمىدىڭ سەن ئەمەل ،
ئەگەر بولساڭ نىيىتىڭدىن يانماقچى،
كەتمە يايرىم سۈيەي سىنى قايتىپ كەل .
ئازابىڭدا قىينىلىپ جان قالمىدى،
ئىشقى ئۇتۇڭ يا جنىىمنى ئالمىدى،
يوللۇرۇڭغا قاراپ كۈزۈم تالمىدى،
ئەي جانانىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.
ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ دىمىگىن ماڭا،
قىلغان ئىدىم شۇنچە ئەقىدە ساڭا ،
ئايرىمىسۇن ئاللاھ بۇلۇپ باش پانا ،
مىھرىبانىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.
ئۆزگىلەرنى سۈيۈشكە ھەم رايىم يوق،
قىيناقلىرىڭ يۈرۈگۈمگە بولدى ئوق ،
بولمايدىكەن بىر كۈنۈممۇ كۈڭۈل توق،
گۈلزىبايىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.
تاپالمىدىم ھىچ تەسەللى ئۈزۈمگە،
كىچەلىرى ئۇيقۇ كەلمەس كۈزۈمگە،
قۇلاق سالغىن بىدارىڭ مەن سۈزۈمگە،
مىھرى ئايىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.
ماڭا بەرگەن ۋەدىنى خار قىلمىغىن،
خەنجەر بۇلۇپ بۇ باغرىمنى تىلمىغىن،
بۇ سۆيگۈمنى ئەلەم دارغا ئىلمىغىن،
يار بىدارىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.
چالغان ئىدىڭ يۈرۈگۈمدە مۇڭ تارىم،
سەنلا پەقەت مىنىڭ كۆڭلۈمدە بارىم،
بارسا ئەگەر ئىزلەپ يىنىڭغا زارىم،
دىل خۇمارىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.
تاشلاپ قويما بۇنچە ئازاپقا مىنى،
كۈتتۈم مانا ئىغىر كۈنلەردە سىنى،
يىغلاي دىسەم ئىقىپ بولدى ياش قىنى،
گۈل نىگارىم يىنىمغا بىر قايتىپ كەل.
ئەلقانات يۈسۈپ ھاشىم
117 قېتىم كۆرۈلدى | yusuf | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-12 21:05:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|