يۈرىمەن تەنھا
مەمەتجان سەمەت
دىلىم يىغلاپ قەلبىم ھەسرەتتە،
ئازاپلاردا يۈرىمەن تەنھا.
پىغانلىقتۇر كۈن ۋە تۈنلىرىم،
جۇدالىقتا يۈرىمەن تەنھا.
يالغۇز غەمگە پېتىپ كەچكىچە،
خىيال سۈرۈپ يېتىپ كەپەمدە.
تاڭ ئاتقىچە تۈنەپ كىچىچە،
ئۇخلىمايلا يۈرىمەن تەنھا.
تەس كەلدىغۇ بەك يالغۇز ياشاش،
يوق بولغاچقا بىر ھەمرا مۇڭداش.
كۆڭلۈم يېرىم كۆزۈمدە لىق ياش،
كۈلەلمەيلا يۈرىمەن تەنھا.
دوست دۈشمەنلەر ئالدىدا چېنىپ
بويتاق دېگەن ئاتاقنى ئېلىپ.
بويۇن قىسىپ يىگانە مېڭىپ،
گۈلزارلىقتا يۈرىمەن تەنھا.
تەھرىر : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
220 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 9:32:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|