ئېغىر كۈنلەدە
ھەممىنى چۈشەندىم ئۇشبۇ كۈنلەدە،
ھەسرەتتە تولغۇنمەن يالغۇز تۈنلەدە.
كىملەر يېنىمدا كىملەردۇر ھەمراھ،
دوست-دۈشمەن ئايرىلدى ئېغىر كۈنلەدە.
كىملەرگە خار بولدۇم كىملەرگە ھەم زار،
كىملەر يېنىمدا ماڭا بولدى غەمگۈزار.
ئايلاندى ياتلارغا دوست ۋە سۆيگەن يار،
يۈرەك يىغلار زارۇ-زار ئېغىر كۈنلەدە.
يىقىلسام يۈلىگەن ئادەملىرىم ئاز،
مازاقلار قىلىشتى كۈلۈشۈپ بەك ماز.
ئۇسۇللار ئوينۇشار چېلىشىپ داپ ساز،
كىملەر چىن كىملەردۇر نامەرت بىلىندى ئېغىر كۈنلەدە.
كىملىرىم كەتتى مېنى يالغۇز تاشلاپ،
يۈرەككە غەم -قايغۇ ئازاپنى باشلاپ.
كىملىرىم قالدۇردى كۆزۈمنى ياشلاپ،
ھېسقىلدىم ھەممىنى مۇشۇ ئېغىر كۈنلەدە.
خەيىر دېدىم چىداش چىدىشىم كېرەك ،
كەلگۈسۈم بەختىم ئۈچۈن تىرشىش كېرەك.
ئۆۈزمگە ئۆزۈم بولۇپ مەڭگۈ يار يۆلەك،
خوشلۇشاي سىلەر بېلەن ئەمدى ئېغىر كۈنلەردە.
2015.4.15 سەھەر قومۇل ئاپتورى (مۇھەممەت )
272 قېتىم كۆرۈلدى | manzilimsan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-29 16:16:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|