(مۇخەممەس)
يەكەن ئاۋات ئوتتۇردىن ئابدۇسەمەت داۋۇت
يوقال نېرى، تىز يوقال، بىزنى تاپما ئەسەبىي،
بارچە ئەلدە شاللاندىڭ، بىزگە ياغما ئەسەبىي،
نادانلىقنىڭ تونىنى بىزگە ياپما ئەسەبىي،
خوراپاتلىق ئۇرقىنى بىزگە چاچما ئەسەبىي،
ئارىمىزدا ئورۇن يوق، يوقال دىنىي ئەسەبىي.
تەشەببۇسۇڭ ئېنىقكى: ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش،
«غازات» قىل-دەپ ئاۋامنى، قوزغايسەن ئىچكى ئۇرۇش؛
رەزىل سېنىڭ نېيىتىڭ: ئۇچرىغاننى ئۆلتۈرۈش،
بۇلاپ –تالاپ ئاۋامنى مال-مۈلكىگە ئوت قويۇش،
كەچۈرمەيمىز بىز سېنى، يوقال دىنىي ئەسەبىي.
ئاڭلىمايمىز سۆزۈڭنى، خانىقادا ياتمايمىز،
كىيىپ ئۇزۇن پەرەنجە، «ھۈم» دەپ تەسۋىي تارتمايمىز،
ئاياللارنىڭ يۈزىگە قارا چۈمبەل ئارتمايمىز،
مەدەت تىلەپ ئىلاھتىن تىڭىرقاپلا ياتمايمىز،
بىزار بولدۇق سېنىڭدىن، يوقال دىنىي ئەسەبىي.
ئالداپ كەلدىڭ شۇنچە يىل، ئۈندەپ بىزنى سەبرىگە،
ئاغرىپ قالساق «سۈكۈچ» دەپ، باشلاپ باردىڭ قەبرىگە،
ئۇدۇم قىلدىڭ بۇلارنى بوۋىلاردىن نەۋرىگە،
لەۋلىرىمىزنى چىشلەپلا كۆنۈپ كەلدۇق جەبرىگە،
يۇغۇشتۇرۇپ قاپقاننى يوقال دىنىي ئەسەبىي.
مەخسىدىڭ بەكمۇ رەزىل، ئىتتىرمەكچى پاتقاققا،
پەتىۋارىڭ شۇنچە كۆپ، سولاش ئۈچۈن قاپقاققا،
ئەگەشمەيمىز بىز ساڭا، ئايلانمايمىز ئاخماققا،
سوقۇلمايمىز ئەمدى بىز، گۈلدۈرماما-چاقماققا،
تونۇپ يەتتۇق سېنى بىز، يوقال دىنىي ئەسەبىي.
پاش بولدىغۇ قىلمىشىڭ خەلقى ئالەم ئالدىدا،
يۈرەلمەيسەن مەڭگۈگە يوشۇرنۇپلا دالدىدا،
قىلمىشىڭنى يۇغۇشتۇر، قانۇن نىزام ئالدىدا،
تەمتىرمەيمىز ئەمدى بىز، نىشان ئېنىق كاللىدا،
يوقال نېرى، تىز يوقال، يەر يۈزىدىن ئەسەبىي.
2017-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
187 قېتىم كۆرۈلدى | paxtak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-18 0:55:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|