ئانام بولسىدى
گۈلئاي باسىت
كەلدى ئايەم ،كۈلدى ئالەم بارچە يايرىدى،
ئۇرۇق تۇققان قېرىنداش سالام يوللىدى .
ئۆي ئۆيلەردە خوشاللىقتىن مەشرەپ قاينىدى،
ئەپسۇس مۇشۇ قۇتلۇق كۈندە ئانام بولسىدى.
ھەممە يەردە ئانام ئەتكەن ساڭزا پۇرىدى،
قازان بېشى داستىخاندا ئانامنىڭ ھىدى.
تۆردە ئۇنىڭ ئورنى قۇرۇق يۈرەك يىغلىدى،
ئەپسۇس مۇشۇ قۇتلۇق كۈندە ئانام بولسىدى.
قىز كېلىنلەر ،نەۋرىلەرگە ئۆيلەر لىق تولدى ،
چوڭلار بەرگەن ھېيىتلىقتىن بالىلار كۈلدى .
داستىخانلار نازۇ نىمەت بىلەن مول بولدى ،
ئەپسۇس مۇشۇ قۇتلۇق كۈندە ئانام بولسىدى.
ئانام بار چاغ ھېيىتلاردا مېھمان كۆپ ئىدى،
سۇلار پۇراپ ھويلىلاردىن باغلار گۈل ئىدى.
كەلسەك ئۆيگە قازانلاردا ئاشلار تەق ئىدى،
ئەپسۇس مۇشۇ قۇتلۇق كۈندە ئانام بولسىدى.
يېڭى ئايەم كەلدى يەنە ئانام كەلمىدى،
ئانىسىز بۇ ھېيىتلارمۇ جىمجىتلا كەتتى.
ئۆمۈر بويى پەرزەنتلەرگە بەخىت تىلىگەن،
جەينامازدا دۇئالارغا ئانام بولسىدى .
128 قېتىم كۆرۈلدى | GULAY | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-21 22:37:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|