خوتۇن مەن سىنى
قىززىق قوشاق
www.yazghuqilar.com
ئاپتۇر،مۇساجان ئابدۇل.غولجا
يوللۇرۇڭنى توراپ يۈرمەتتىم،
باشلىرىڭغا مۇشلاپ قوياتتىم.
ئۆيدىن سىنى ئۇرۇپ قوغلاتتىم،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
ئۈچ بالاڭنى چۆرۇپ بىرەتتىم،
كۇندە دىسلاپ دەسسەپ قوياتتىم.
يىغلىساڭمۇ پەرۋا قىلمايىتتىم،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
داداڭنىمۇ نۇقۇپ تۇراتتىم،
ئاناڭنىمۇ تىللاپ قوياتتىم.
ئىچىم پۇشسا جىدەل قىلاتتىم،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
تالاق دەپلا پىخسىغلىق قىلماي،
خۇسۇر ئىزدەپ سىنىڭدىن تىنماي.
كۈلۇپ ياشاپ ساڭا ئىچىنماي،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
ھومايساڭلا يەپلا تاياقنى،
كۆكەرتىپلا تۇمشۇق پاچاقنى.
چاقاتتىم ھەم قازان ئوچاقنى،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
كارىم نىمە كەتسەڭ ئۆيۈڭگە،
پەرۋايىم يوق ھەتتا سۆزۈڭگە.
داداڭ تەپسە مەيلى كۆتۈمگە،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
كۇندە بويتاق يايراپ كۇلەتتىم،
قىز چوكانلار مارلاپ تۇراتتىم.
شاللاقلىقتا چاچراپ يۈرەتتىم،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
بۇزۇقلىقىم ئاشكار بولاتتى،
ھەممەكىشى مەندىن قاچاتتى،
پەسلىگىمنى ئاندىن بىلەتتى،
ئۇنتالىسام خوتۇن مەن سىنى.
=
ئاپتۇر،مۇساجان ئابدۇل،غولجا
1822643898.ئۈندىدار
2015 يىلى 5 ئاينىڭ 24 كۈنى
231 قېتىم كۆرۈلدى | مۇساجان ئابدۇل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-23 21:11:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|