يامغۇرۇم
ئىپارگۈل ئوسمان
سېغىنغانتىم تىۋىشلىرىڭنى،
يېغىشىڭنى كۈتكەنتىم ئۇزاق.
يۈرىكىمگە تونۇش كۈيۈڭنى،
ئۆزگە باغدا چېلىپسەن بىراق.
كۆنمىگەنتى باشقىغا كۆڭۈل،
خۇمار ئىدى ھىدىڭغا دىماغ.
ئىنتىلمىگەن دەريا دېڭىزغا،
كەتكەندىمۇ بېغىم قاغجىراپ.
بوپتۇ يولۇڭ ئاق يوللۇق بولسۇن،
ئېزىپ يۈرمە ئەمدى ئالدىراپ.
ماڭا بەرگەن ئەسلىمىلەرنى،
تامچىلىرىڭ كەتسۇن ئوغىرلاپ.
4-سېنتەبىر كېچە
119 قېتىم كۆرۈلدى | armanim | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 0:07:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|