سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى
نۇرئەخمەتجان روزى
سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى،
ياش تۆكمىگىن بولما پەرىشان.
كىلەر بىر كۈن سىنىمۇ بەختىڭ،
تاق يارالماس دۇنياغا ئىنسان.
سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى،
ھەسرەت چەكمە قارىغىن كۆككە.
نۇرغۇ يۇلتۇز تۇرار جىمىرلاپ،
ئەگەر كۆكتىن بىر يۇلتۇز ئۆچسە.
سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى،
ئازاپلانما تىلە بەختىڭنى .
چۈنكى كۆڭلى سۇۋۇپتۇ سەندىن،
ئالدىغاندىن ياخشى كەتكىنى.
سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا سىنى ،
نەپرەتلەنمە تەغدىر قىسمەتتىن.
ئىنسان دىگەن كۈلمەيدۇ دايىم،
خالى ئەمەس دەرتتىن كۈلپەتتىن.
2015*8*14
208 قېتىم كۆرۈلدى | ئايگۈزەل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 0:39:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|