ياشامدۇق ،
ئاپتۇرى :سراجدىن تۇرسۇن :
ئۇيغۇردەپ ئۇيۇلتاش مىسالى ئىدۇق.
ئەپسۇسكى ئاتالدۇق ، بەزىمىز «ئۇرغۇي ».
قەدىمدە شىر كەبى ئاتالغان ئەركەك:…،
ئوخشىدۇق، رايىشقا ئېتىلغان قۇرغۇي.
ئىشچانلارنى ئۆزىمىزچە ياراتماي ،
ئاتىۋالدۇق «سەھرالىق» دەپ دىھقاننى.
ئاڭقا ، خاسلىق ياراتمىسا سەھرالىق ،
كىم باقار شەھەرلىك سەن بىز ئىنساننى.
رەستىدە ئۇچىرىسا ناتىۋان بىرى ،
ئېتىلىسەن ، يىقىتىسەن ،تىللايسەن .
يامىنىغا ئۇچراپ قالساڭ لامۇ جىم ،
ئۈندىمەستىن ئاغزىڭنى ھىم ھىملايسەن.
ئايرىيالماي زەقۇم بىلەن ھەسەلنى،
شۇ ھالىڭغا ھالال ھارام ئىلغايسەن.
كاتاڭ يولدىن تان ئاۋۋال تۈزلەپ يولۇڭ،
ئەمىلىنى ئاۋۋال ئۆزۈڭ قىلغايسەن.
ئەمەل قىلماي ، قۇرۇق شوئار توۋلىساق،
رىيادە ھەم بىرەر داۋان ئاشامدۇق ،
ئۇيۇلتاشتەك قويۇلماستىن ئۆز ئارا،
ئۈستۈنلۈكنى كۆزلەپ شۇنداق ياشامدۇق.
2017-6-12
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!!
65 قېتىم كۆرۈلدى | ssssss | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-16 14:58:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|