ئەمدى توختىغىن، بوران
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
شامالمۇ بىلمىدىم، قورقتۇم ئەجەپ،
چىقىپتۇ رەھىمسىز ۋەششى بوران،
گۈلدۈر-قاراس ئاڭلىنىپ، چۆچۈدۈم،
يوققۇ ئۆيۈمنىڭ لەمپىسى شۇئان.
بىلمىدىم،ئۇستام قىلغانمۇ ھېلە،
شامالغا ئەگىشىپ، ئۇچارمۇ توۋا،
ئۇستاملار بولماڭ خىجىل، بورانكەن،
قورقۇتۇپ مېنى، لىڭشىتىپ مورا.
شۇئان قىلدىم تېلېفون، باغۋەنلەر،
دەيدۇ مۇئەللىم، يوققۇ دوسكىلار،
نۇمۇس، بەرمەي بالىلار ئاراملىق،
ۋەيران قىلدىڭغۇ، يەنە باغچىلار.
يىتەرغۇ، ئەمدى توختېغىن، بوران،
بەرگىن ئاراملىق، بىزلەرگە ئەمدى ،
يەنە سالامغا قالسۇن يۈزىڭىز،
قىلمىغىن خىجىل، يەنە شامالنى.
يۈرەكتە بولسىمۇ ئاچچىق تىلەك،
سېغىندىم لەرزان شامال چىققىنە،
بەرسە راھەتلەر، سەگىتىپ يۈرەك،
خوش بولۇر جېمى كائىنات يەنە.
شاماللار بەرگەن ھوزۇر، باھاردا،
سەزگەنغۇ يۈرەك راھەتلىك بىلىپ،
تەبىئەت قانۇنىيتى، نە ئامال،
مەيلىغۇ بوران، چىقما گۈكىرەپ.
84 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-15 20:55:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|