ئاي كۈلگەن كېچە
مىھرىگۈل
كۈتەمسەن تولۇن ئاي كۈلگەن كېچىدە ،
كېلىدۇ يايرىم دەپ تۈڭلۈككە بېقىپ.
مەن كۆرۈپ ياتىمەن چىھرىڭنى جېنىم ،
ئاپئاق ئاي نۇرىغا مەڭزىمنى يېقىپ.
شىۋىرلاپ ئېپ كىلەر تۈندىكى شامال،
سېغىنىش تامغىسى باسقان خېتىڭنى .
مەن يولغا سالىمەن تىز يوللانما قىپ،
خىيالىم ئېتىدا تىنىقلىرىمنى.
"پەرى " دەپ ئېيتقانتىڭ كۆزۈمگە قاراپ ،
مۇشۇنداق تولۇن ئاي كۈلگەن بىر كېچە .
ھەر چۈشۈم ،يۈرۈگۈم ،نەپەسلىرىمگە،
ھەمراھ بوپ كىلىدۇ ئاي كۈلگەن كېچە .
130 قېتىم كۆرۈلدى | مىھرىگۈل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-11 1:24:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|