جانىم سەن سالغاچقا يۈرەككە ھەسىرەت،
تۈن كىچە بولدۇم مەن ئۇيقۇدىن بىدار،
ئازاپتا تولغاندىم قىينالدىم ئەجەپ،
ۋەسلىڭگەبولغاچ بەكمۇ ئىنتىزار،
بۇ سەۋدا يۈرەك ساڭا پەرۋانە،
قارماس ئۆزگىگە،بىر ساڭا خۇمار،
ئۆزگەرمەس ئەقدەم،يۈرەك سېنىڭكى،
ۋەدەمنى قىلغاچ مەن،مەڭگۈلۈك تۇمار،
ھىجىراندا قىينالدىم كۈتتۈم ۋىسالنى،
ساقلىدىم بەك ئۇزۇن خەۋىرىڭنى يار،
بىلمىدىم جىمجىتلا يوقدۇڭ نىچۈن،
ئەقىدەم،سۆيگۈمنى ئەجەپ قىلدىڭ خار،
336 قېتىم كۆرۈلدى | ئارزۇ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-20 16:43:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-7-20 16:46:43 | ئەلقۇت |
داۋاملىق تىرىشىڭتىرىشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|