سېغىنىش

سېغىنىش

 

ياسىنجان (خىيالىم )

 

 جامالىڭنى سېغىندىم گۈزەل ،

 ئاڭلاپ قېلىپ ئامراق ناخشاڭنى .

 <ئەشۇ >جايدا ئولتۇرۇپ غەمكىن ،

 ئەسلەپ قالدىم شىرىن ئاخشامنى.

 

ئىھ !ئويلىسام ئۆتكەنكى شۇ چاغ ،

 سىنتەبىرنىڭ بىرىنجى كۈنى .

 ئۇ چاغلارغا ئوخشىماس بۈگۈن،

 چىقمىغاچقا سەن يارنىڭ ئۈنى .

 

 ئەپسۇس ،شۇ كۈن تولىمۇ گۈزەل ،

سۆيگۈمىزدىن ئېچىلاتتى گۈل .

 ئەمدى يەنە قاچان كىلەركىن ،

 چۆلدەرىدى پاك قەلبىم تۈگۈل .

 

 ئوماق ئىدىڭ تولىمۇ ئۇماق ،

 كۈلەر ئىدىڭ ۋىلىق_ۋىلىقلاپ .

غەمسىز كۈلكەڭ قالدىمۇ تۈگەپ ،

ياكى شوخشۇپ يۈرەمسەن تاقلاپ .

 

كۈلەلەمسەن. ھېلىمۇ. جېنىم.

 بىر ماڭىلا بېقىپ نازلىنىپ .

 مەن يوق ياكى قالدىمۇ تۈگەپ ،

 تەبەسسۇمىڭ جىمجىت تاشلىنىپ .

 

 مەن ئويلايمەن ئايرىلىش بەلكىم ،

 شوخلۇقۇڭنى قويغاندۇ چەكلەپ .

 بوپقالغانسەن غېرىپ ،پەرىشان ،

 كۈنەلمىگەچ مەن يوق كۈن. يەكلەپ .

 

 سەۋىر قىلىپ ياشايمەن شۇنداق ،

 ھالۋا پۈتەر غورىدىن بىر كۈن .

 بەخىت بىزگە ئاچىدۇ قۇچاق ،

 جۇدالىقتىن خوشلۇشۇپ پۈتۈن.

 

Y.G 





150 قېتىم كۆرۈلدى ياسىنجان (خىيالىم ) ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-9 12:48:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ