ئانامغا
ئايشەمگۈل ئەخەت
دۇنيارىمدا بىردىنبىر غەمگۈزارىم جان ئانا،
ئاتا قىلىپ بارىڭنى قوشتۇڭ مىنى قاتارغا.
ئاي جامالىڭ گۈلدەك سۇندى رۇخسارىڭ ،
مىھرىڭنى بېرىپ مەن ئۈچۈن ئۆتتۇڭ ئانا.
.............
ساغلام ئۆسۈپ يىتىلدىم ئاق سۈتۈڭ بىلەن،
ئەركىن يايراپ ئۆتتۈممەن مىھرىڭ بىلەن.
پەرزەنتلىك بولغىنىمدا قەدرىڭ ئۆتۈلدى،
ئانا سىنى بىر مەھەل بىقىۋالاي دىگەن.
..........
سىنى دەپ تىلەك تىلەي مىھرىبانىم جان ئانا،
ئاللاھ بەرسۇن ئامانلىقنى پاسىبانىم خان ئانا.
ئايرىلغانمەن دادامنى باقاي دىگەن كۈنلىرىمدە،
ساڭا بولسىمۇ بالىلىقىمنى يەتكۈزگەيمەن ئانا.
..............
دادام قەدرى ئۆتۈلۈپ قالدىم بەكمۇ ئارماندا،
ھەسرەت بىلەن مۇڭلىنىپ ئۆتمەكتىمەن پىغاندا.
ئانىجانىم سەن بولساڭمۇ ساق تۇرۇپ بەر،
ئاجىزكەنمەن نەئىلاج دىلكىشىمسەن جان ئانا.
2015.8.7
198 قېتىم كۆرۈلدى | ayxamgul | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-8 8:14:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-8 21:39:53 | kar-laylisi |
بۇ شېئىرنىڭ بەزى مىسرالىرنىڭ بوغۇملىرى ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ. بىراق مەزمۇنى ھەقىقەتەن ياخشىكەن. |
2015-8-8 9:49:21 | تۇرسۇنتوختى قۇربان |
يامان ئەمەس يېزىلىپتۇ ،يەنىمۇ تىرىشىڭ، ئۆمۈتۋار بولۇڭ، |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|