پەرىشتە ئانا
ئەكبەر ئەركىن
جاپاكەش ئانا قەلبىڭدە ئۆچمەس بىر گۈلخان ،
گەر ئانا بولمىسا پەرزەنىت ناتىۋان.
گەرچە قۇرغان ئىمارىتىڭ بولسىمۇ ھەيۋەت،
ئۆز ئانا تىلىكسز بولمامدۇ پايخان .
ئانا بولسا ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمى بىلسەڭ،
يىغلىساڭ يىغلايدۇ، كۈلىدۇ كۈلسەڭ.
كۆڭلى يېرىم بولمامدۇ، شۇ جاپاكەشنىڭ،
خەق ئالدىدا تاشلىنىپ سارغىيىپ يۈرسەڭ.
پەرۋىشكار ئۇ ،ئۆستۈرگەن بارچە ئىنساننى،
مىراس قىلار پەرزەنتكە ئېتىقاد-ئىماننى .
شۇنچە مېھنەتسىز پەرىشتە سۈپەت،
ئانامدۇر سەن،كۆرسەتتىڭ پۈتكۈل جاھاننى.
ھەربىر يىل يۈزىڭگە سالسا گەر ئىزنا،
خۇش بولدىڭ چوڭ بولدى بالام دەپ يانا.
بىر ئۆمۈر تەرتۆكۈپ ئۆستۈرگەن بالاڭ،
سەن ئۈچۈن ھىچ ئىش قىپ بېرەلمەس ئاڭا.
تامچە سۈتۈڭ ئەزىزدۇر باھاسىز گۈھەر،
پارچە گۆشنى چوڭ قىلدىڭ يوق ھېچ بىر ھۈنەر.
ئانام بەختىم ئەزىزەم بۇ ھەقىقەت،
شۇڭا مەدىيە ناخشامدا ئانام ھۆزلىنەر.
بۇ ئەسىرىمنى قان-تەر بەدىلىگە مىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن ئانامغا تەغدىم ئەتتم.
2015-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى جىڭ ناھىيسى
169 قېتىم كۆرۈلدى | ئەكبەر ئەركىن (جىڭ ناھىيسى ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-9 11:40:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|