دەرلەر - غەزەل
پەلەككە يالۋۇرۇپ شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى كۈنۈم دەرلەر ،
يۈرەكلەرنىڭ كۈيى مىسكىن ئۇدارسىزدۇر كۈيۈم دەرلەر .
سۆز تاشلىنىپ خۇشاللىققا ، بىساتى مال - تاۋارلارغا ،
ياپالمايمەن يىپەكىدىن بىرەر ياغلىق يۈزۈم دەرلەر .
ئاپتاپلىرى خوش شىپالىق ئەل چېھرىدە كۈلۈپ تۇرسا ،
باغلىرىمدا ئەمەس ئاپتاپ ، چۈشمەس بىر باغ ئۈزۈم دەرلەر .
خىيالى كەڭ سامالاردا ئۇچۇپ ئۆتتى تالاي ئارزۇ ،
بىرەر غايە تۇتقىدەك چىڭ ، ئاڭا يوقتۇر سۆزۈم دەرلەر .
كۆمۈلسىمۇ قۇمغا جىسمى، ئۇرۇلسىمۇ شاماللارغا ،
ئۆلمەي ياشاپ ئۆتەلەيمەن ، تېخى ئوچۇق كۆزۈم دەرلەر .
پەلەكمۇ قايتۇرۇپ بەردى ، سىلەر قانداق ياشاۋاتقان ،
بېشى ئەگمەس ، بىلى تۈپتۈز قېنې ئەرلەر ، قېنى ئەرلەر !!!
hukar يازمىسى
147 قېتىم كۆرۈلدى | hukar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-21 0:22:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-22 0:43:28 | خانقىز |
ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|