يېزام قىزلىرى
مۇساگايىت (دېڭىز)
خىجىل قىلار ئاينى رۇخسارى،
يېزامدىكى گۈل يۈزلۈك قىزلار.
ئابى ھايات سۈيىنى چېچىپ،
گۈل تىزىدۇ ئوسمىلىق قىزلار.
ھاردىم دىمەس، ۋايسىمايدۇ ئۇ،
ئالدىراشتۇر كۈز، قىش، ئەتىياز، ياز.
ئەجىر- تۆھپىدە ھەسەل ھەرە ئۇ،
داستام يازسام تۈگىمەس ئوبراز.
ئۇز قاشلىرىغا ياراشقان ئوسما،
چاچلىرىغا چېپىلغان يىلىم.
ھۆسنى مىسال گۈلنىڭ دەل ئۆزى،
كار قىلمايدۇ سۈنئى ھال گىرىم.
تۆۋەن كۆرمەڭ سەھرا قىزىنى،
شەھەردىكى مودا ئۇماق قىز.
نازلىرىڭىز باشلايدۇ سزنى،
ئويۇن، كەيىپ چىتى يوق دېڭىز
ئۇيغۇرۇمنىڭ قىزلىرغا ھۆرمەت،
سىلەر مىللەت ئۈمىد ئانىسى.
سەھرادىكى قىزلارغا ھۆرمەت،
ئىپپەت، ھايا ئۇيغۇر جۇلاسى.
290 قېتىم كۆرۈلدى | مۇساگايىت (دېڭىز) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-4 1:15:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|