ھىجرانى بار مۇھەببەت بولسا

ھىجرانى بار مۇھەببەت بولسا

 

قەيەرلەردە قالدى قاغجىراپ ،

 ياش توختىماس مۇڭلۇق كۆزلىرىڭ .

ئ‍ەمدى تاش بوپ كەتكەن ئ‍وخشايسەن ،

 بىلدۈردىغۇ سۆزۈڭ ، يۈزلۈرۈڭ .

 

 مەشۇقىڭغا ھەمراھ تىنىقىڭ ،

 توختىدىمۇ ئ‍ېغىر ئ‍ۇھسۇنۇپ .

 قەدەملەردە سۇلتانتىڭ ئ‍ۆزۈڭ ،

 ئ‍ەمدى شۈكلەپ قاپسەن بويسۇنۇپ .

 

يىراقلارغا باقمايمەن دەيسەن ،

ئ‍ەمما نازۇك تېۋىشلار تۇرسا .

 يىغلىمايمەن دېيەلەرسەنمۇ ،

ھىجران كېلىپ قامچىلاپ ئ‍ۇرسا .

 

 مۇھەببەتنى قولدا دەپ چاغلاپ ،

 يۈرەكلەرنى باقمىدىڭ تىڭشاپ .

 سۆيگەنلەرغۇ قان يىغلاپ قالدى ،

 سۆيمىگەنلەر كەتتىغۇ ئ‍وڭشاپ.

 

تامام ئ‍ەتتىڭ خىيالىڭدا سەن ،

 سېغىنىشنىڭ سىناقلىرىنى .

 ھىجرانى بار مۇھەببەت بولسا،

 بىلمەي قالدىڭ قىيناشلىرىنى .

 

 شېرزات ئادىلجان ھۈكەر





142 قېتىم كۆرۈلدى hukar ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-26 0:59:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ