كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي
ئاپتۇرى؛ ئابدۇرسۇل ئەزىز
كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،
يۈرەكلىرىم قايتا شاتلانسۇن.
مۇھەببەتلىك ياندۇرغان چىراق،
ھاياتىمغا يەنە نۇر چاچسۇن.
كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،
كۆزلىرىمگە كۈلكە يۈگۈرسۇن.
سەبى يۈرەك شاتلىنىپ سەكرەپ،
خوشاللىقتا بەخىتكە چۆمسۇن.
كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،
يۈرۈكۈمدە ئىشقىپ ئوت ئالسۇن.
يۈرۈكىمنى مۇزلاتمىغىن سەن،
مۇز تاغ كەبى قېتىپ كەتمىسۇن.
كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،
باغرىمغا مەن سىنى چىڭ باساي.
كۆڭلۈڭ قالغان بولسا ئەگەردە،
گۈللەر سۇنۇپ كۆڭلىڭنى ئالاي.
كەلگىن سىنى يەنە بىر كۆرەي،
تەنھالىقىم كەلمەسكە كەتسۇن.
بېرەلمىسەڭ ماڭا سەن كۆڭۈل،
مەڭگۈ بەخىت ساڭا يار بولسۇن.
146 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 0:40:10 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|