دادامنى ئىزدەيمەن
رۇشەنگۇل مۇھەممەد (مودەن )
سەكسەن يازدىن ئىزدىدىم دادام ئىزىنى،
شۇ ئىزىڭدىن ئۇنۈپتۇ يىقىلماس توغراق.
ئەتىيازدا تاغلاردىن سۇ باشلاپ كەلگەن،
دەريالارمۇ تونۇيدۇ دادامنى شۇنداق.
سەكسەن كۈزدىن ئىزدىدىم دادام ئىزىنى،
مۇل ھوسۇللۇق باغلاردا باركەن ئىزلىرى.
،ئېتىز بېشى،خاماندا،ھەتتا نېفىتتا،
ئەجرىڭ بىلەن ئېچىلدى مىھنەت گۈللىرى.
سەكسەن قىشتىن ئىزدىدىم دادام ئىزىنى،
مۇز داۋاندا بار ئىكەن دادام ھەيكىلى.
بىر جېنىڭنى مىڭ قىلىپ گۈلخاندەك يېنىپ،
بىز ئۈچۈنلا كۆيدىغۇ باغرى ھەم جېنى.
سەكسەن يىلدىن ئىزدىدىم دادام ئىزىنى،
،يۇلغۇن ئۈندى چۆللەردە ئەجىر تەرىدىن.
ھەر يېشىمدا ئۆكسۈيدۇ سەكسەن سېغىنىش،
سېغىنىشىم ئۈنلەيدۇ دادام ئەجرىدىن،
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
144 قېتىم كۆرۈلدى | modan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-18 0:52:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|