شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ
ئاپتۇرى: ئابدۇرسۇل ئەزىز
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
مۇھاببەتنى كۈيلەيدۇ.
ئۆتسە نەچچە ئەسىرمۇ،
قېرىمايدۇ ئۆلمەيدۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
ۋىجدان ئوقىدا ئۆلسىمۇ.
ھىجرانلارغا تەسەللى ،
يۈرەك سەندە قالسىمۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
مىھرى ۋاپا كۈيلەيدۇ.
زار بولسىمۇ سۆيگىگە،
قەلەملىرى سۇنمايدۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
ياخشلىقنى كۆزلەيدۇ.
قۇلى قىسقا بولسىمۇ ،
ياخشى نىيەت تىلەيدۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
ھەقىقەتكە باشلايدۇ.
ۋىجدان،غۇرۇر،نۇمۇسنى،
پۇلغا ھەرگىز ساتمايدۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
قۇۋ بۇلۇشنى بىلمەيدۇ.
بۆرە ئالدىدا تۈلكىدەك،
ھىلىگەرلىكنى بىلمەيدۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
راستقا يالغان قاتمايدۇ.
يالغانچىلىق چانىدۇ ،
راستچىلىققا يەتمەيدۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
ھەسەلگىلا ئوخشايدۇ.
يامانلارنى قامچىلاپ،
ھەق يولغىلا باشلايدۇ.
شېئېرلىرىم سۆزلەيدۇ،
قىشتا يازنى چىللايدۇ.
ئۇۋال قىلىسا ياخشىغا ،
ئاچىق بۇلۇپ تىللايدۇ.
قەدرىنى بىلىدۇ شېئىرنىڭ،
ئاشىقى مەن دىگەنلەر.
كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي،
ئەل غېمىنى يىگەنلەر.
2015-يىلى8-ئاينىڭ 5-كۈنى
137 قېتىم كۆرۈلدى | RuSuL | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-8 0:36:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|