مەن بىر جاسۇس
(ئايزىمگۇل توختى)
بىلەمسىز ؟
مەن بىر جاسۇس ،تىلىمدىكىنى دىلىمغا بىلدۈرۈپ قويىدىغان ،دىلىمدىكىنى تىلىمغا چاندۇرۇپ تۇرىدىغان .
مەن بىر جاسۇس .ئانا قەلبىدىكى مۇھەببەتنى ئاشكارىلاپ ،ئاتا قەلبىدىكى بۈيۈكلۈكنى ھەممىگە يايىدىغان .
مەن بىر جاسۇس .قەلبىتكى مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ گۈلخانغا ئايلىنىشىنى يوشۇرۇن كۆزىتىدىغان ،ساداقەت ئىستىكامىغا مۆكۈنۈپ ،خىيانەت ھۆكۈمىرانلىقىنى ئورنىدىلا بىتچىت قىلىدىغان .
مەن بىر جاسۇس .دوستنىڭ مېھرىنى ۋاپاغا ئۇلاپ ،ھەرچاغ جاپانى ئوغۇرلۇقچە بۇلاپ،يۈزسىزنى قويۇپ بېرىپ كارىم بولمايدىغان ،چىن ئەقىدىلەرنى مەھكەم تۇتۇپ قەپەزلەرگە سولىمايدىغان .
مەن بىر جاسۇس .بولغاندىمۇ باشقىلار كۆرۈپ بىلەلمەيدىغان ،بىلگەنلىرىدە كۆرەلمەيدىغان ،كۆرسىمۇ ھېچبىر ئامال قىلالمايدىغان ،ئالدىمنىمۇ ھەم قامال قىلىپ بولالمايدىغان.
مەن شۇنداق بىر جاسۇس .مېھىر يامغۇرىدا سىرتقا چاپىدىغان ،مۇھەببەت ئېتىزىدا گۈللەر تېرىيدىغان ،خىيانەت ئاسمىنىدا چاقماققا ھەمراھ بولىدىغان ،ساداقەت يۇلتۇزىنى ئىزلەپ ،ئۈمىد نۇرىدا نىشان قوغلايدىغان.
مەن شۇنداق ئاجايىپ بىر جاسۇس .بارلىقىم مەلۇم،ئورنۇم نامەلۇم .يولۇم ئۆزۈمگە ئايان ،ئالدىم بىپايان . بىراق ئەنسىرەپ يۈرمەسمەن يۈرەرمەن قايان ،جان تەندە بولۇپ ،بولساملا ئامان .مەن جاسۇسمەن ،جاسۇسمەن ھامان …
2017.6.21
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
29 قېتىم كۆرۈلدى | ئايزىمگۇل توختى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-21 18:16:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|