چىــــدامســـــەن؟
تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
باشقا يارنى سۆيۈپ ئۆتسەم چىدامسەن؟
قول تۇتۇشۇپ مېڭىپ يۈرسەم چىدامسەن؟
كۆزلىرىگە قاراپ كۈلسەم چىدامسەن؟
سەۋەپسىزلا كۆزدىن يۈتسەم چىدامسەن؟
يېراقلارغا تاشلاپ كەتسەم چىدامسەن؟
شېرىن كۈنلەر بولغان ئىدى بىر مەھەل،
قول تۇتۇشۇپ يۈرۈشكەنتۇق زەپ گـۈزەل.
ئېيتىشقانتۇق زىرىككەندە ھەم غەزەل،
تەپ تارتماستىن ئەپ كىتەرمۇ شۇم ئەجەل،
بىرنى سۆيمەي ئۆلۈپ كەتسەم چىدامسەن؟
سەن بىلەمسەن ساڭا شۇنداق كۆيىمەن،
يۈرۈكۈمنىڭ قات-قېتىدىن سۆيىمەن.
كۈلۈشۈڭدىن زوقلىنىمەن كۈلىمەن.
سەن بولمىساڭ ياشالمايمەن ئۆلىمەن،
سۆيگۈمىزنى ئېلىپ كەتسەم چىدامسەن؟
شارابىڭنى قېنىپ ئىچسەم لىۋىڭدىن،
ئىلھاملانسام شۇ بۇلاقتەك كۆزۈڭدىـن.
شىپا تاپسام شېرىن-شىكەر سۆزۈڭدىن،
قاچۇرمىغىن كۆزلىرىڭنى مېنىڭدىن،
لەۋلىرىڭگە سۆيمەي كەتسەم چىدامسەن؟
ئـۆلـۈپ كەتسـەم ئەگەرلەردە بىر كـۈنى،
ياد ئىتەمسـەن سېغىنامسەن يار مېنى.
سېغىنىشتا ياش تۆكەمسەم ھەم تۈنى،
يوشۇرمىغىن راس سـۆزۈڭنى دە قېنى،
خەۋەرسىزلا يوقاپ كەتسەم چىدامسەن؟
تـۇيۇقسىزلا رەنجىپ قاپسەن مېنىڭدىن،
خالىمىساڭ كېتەي بولــدى يېنڭدىن.
ئەنسىرىشىم توغرا بولدى دىلىڭدىن،
بىلسەڭ مەنمۇ رەنجىپ قالدىم سېنىڭدىن،
ئاچچىق يۈتۈپ ئۆلۈپ كەتسەم چىدامسەن؟
-تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى)
-2017-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنى(چاشەنبە)
352 قېتىم كۆرۈلدى | تۇنساگۇل ئىسمائىل(قەشقىرى) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 19:48:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|