سەبىيلەرنى ئانىسىدىن ئايرىما
ئاپتۇر: ئابدۇسالام بارون
ئىزىلدى يۈرەكلەر ئەنسىز ئىچىدە ،
كۈندە بىر يۈتكەن بالا دەردىدە .
شۇ سەبى بالىنى ئالغان كاززاپلار،
يوقمىدۇ ئۇلاردا يۈرەك زەررىچە .
ئانىلار يىغلايدۇ كىچە كۈندۈزدە ،
ياشلىرى قان بولۇپ ئاقاركەن تامچە.
سەن شۇنچە رەزىلمۇ؟ ئىنسان بالىسى،
تارتمامسەن قولۇڭنى كىسىلمىگۈچە .
بالا ئۇ بىلەمسەن ئۆينىڭ چېرىقى ،
خۇش-پوراق ئالغان ھەربىر تېنىقى.
سەن ئالداپ ئەكەتكەن بالىلا ئەمەس،
بىر ئۆيلۈك كىشىنىڭ بارچە يۈرىكى .
قولۇڭنى تارتقىن ھەق يولغا قايتقىن ،
بارچە يۈرەكتىن قان شورىمىغىن .
سەن بىز بىز سەن بۇنى ئونۇتما ،
بالىلارنى ئالداشنى ئەمدى توختاتقىن.
2015.8.15 بېيجىڭ
285 قېتىم كۆرۈلدى | BaRon | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 14:40:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|