قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ
يۇمۇرچى
قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،
چاندۇرار ئۇ قېرىلىقىمنى.
نەۋقىران شۇ گۈل ياشلىغىمدىن،
ئاللىبۇرۇن نېرىلىقىمنى.
قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،
ئەسلىتەر ئۇ پىغانلىرىمنى.
ياشلىقىمدا ھەر كويغا سالغان،
نازىنىن قىز-جۇۋانلىرىمنى.
قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،
ئۇندا باردۇر ئاچچىق ساۋاقلار.
دوسلۇرۇمنىڭ ھېسداشلىق يېشى،
دۈشمەنلىرىم چالغان چاۋاكلار.
قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،
يوشۇرمايدۇ ئەسلا ھەممىنى.
قورۇقلىرىم ئەسكە سالاركەن،
بۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق تەمىنى.
قارىغۇم يوق ئەينەككە مېنىڭ،
ئۇندا شۇنداق قايغۇ مۇجەسسەم.
يېرىم ئۆمرۈم يېڭىلىش ئىكەن،
ئەمدى قانداق بولاركىن ئەتەم؟!
146 قېتىم كۆرۈلدى | yumurchi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 16:12:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|