ھاياتىڭ ئۈمۈتكە تولغان مۇئەللىم
باھارگۈل ئىبرايىم
(بارلىق مائارىپچىلارنىڭ قۇتلۇق كۈنىگە)
ھاياتىڭ ئۈمۈتكە تولغان مۇئەللىم،
ھەر كۈنى سەبىيلەر ئۇتىدا كۆيۈپ.
ئاقىسەن غۇنچە دەپ ئېقىن،دەريادا،
بەللىرىڭ قالسىمۇ ھەتتا مۈكچۈيۈپ.
ئۆتسىمۇ كىرەكلىك قەرەل ۋە پۇرسەت،
ئۇيقۇدىن بىدارسەن كىچە-كېچىلەپ.
رەڭگارەڭ نۇر تۆكەر ئەجرىڭ مىۋىسى،
بىرەھىم دەۋراننى كۈچۈنۈپ سۆرەپ.
كېلىدۇ ئىزىڭدىن يىتۈك شاگىرتلار،
كېلىدۇ ئەجرىڭنىڭ ئەمگەك مىۋىسى.
كېلىدۇ ھاياتنىڭ چۈشلىرى بىلەن،
ياراتقان بەختنىڭ ئۈنسىز ناخشىسى.
ھاياتىڭ ئۈمۈتكە تولغان مۇئەللىم،
تەرىڭدە،كۆز ياشتا سىزغاچ كۈلكىنى.
كۈلكەڭدىن سەبىيلەر ئىلھاملار ئېلىپ،
سېزىدۇ كېلەچەكتە يارقىن سەھەرنى.
2015-يىل10-سىنتەبىر باي چوڭكۆۋرۈك
159 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-10 1:23:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|