كەچۇر ئانا
باشلامچى
كەچۈر ئانا كۆڭلۈڭنى
رەنجىتكىنىمنى،
ساڭا كۆڭۈل بولەلمەي،
ئونۇتقۇنۇمنى.
تەربىيەڭنى ئاڭلىماي،
قاچقانلىقىمنى،
سېنى تاشلاپ يىراققا،
كەتكەنلىكىمنى. . .
بىر چاغلاردا ياش ئىدىڭ،
شۇنچىلىك گۈزەل،
مەن تۇغۇلدۇم،
كۆردۈڭ مېنى ياشلىقتىن ئەۋزەل.
مەن ئۈچۈنلا ياشىدىڭ،
ئوت بوپ بىر مەھەل،
كەچۈر ئانا يېنىڭغا بارالمىدىم،
ھەممىدىن ئەۋۋەل. . .
دادام ماڭا كايىسا،
ئارىغا كىرەتتىڭ،
يالغۇز غەمكىن ئولتۇرسام،
ھەمرا بولاتتىڭ.
يىراق سەپەر ئالغاندا
قاراپلا قالدىڭ،
كەچۈر ئانا ئوغلۇڭنى،
بولساڭ كۈلەتتىڭ. . .
جان بالام دەپ،
باغرىڭغا باسقان كۈنلەرنى،
سېغىندىممەن جان ئانا،
نۇرلۇق يۈزلەرنى.
ماڭا ئىلھام كۈچ بەرگەن،
ئۇلۇغ قوللارنى،
كەچۈر ئانا ئوغلۇڭنى
ئاجىز كۆزلەرنى. . .
مەن ئۈچۈن تارتقانلىرىڭغا،
جان بىرەلمىدىم،
تەربىيە نەسھەتلىرىڭگە،
يۈز كېلەلمىدىم.
سەن ئۈچۈنلا ئۆزۈمنى،
ئاتىيالمىدىم،
كەچۈر ئانا سەن ئۈچۈن،
كۈچ بېرەلمىدىم.
137 قېتىم كۆرۈلدى | baxlamqi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-13 19:16:29 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|