ئەڭ بۈيۈك فىلىم
ئىبراھىم ياسىن (ئوغلان )
سۈكۈت بۇزۇلۇپ باشلىنار فىلىم ،
بۇ فىلىمدە رول ئالىدۇ ئىنسان .
ئالار ھەم ھەركىم ئۆز تەقدىرىنى
بۇنى بىلمەيدۇ نادان ھېچقاچان .
بولسىمۇ سۆيگۈ ھەركۆرۈنۈشتە ،
لېكىن مۇھەببەت ئىزدەيدۇ ئىنسان .
بەزى كۆرۈنۈش يىغلاتسا بىزنى ،
بەزى كۆرۈنۈش قىلدۇرار خەندان .
يامانلىقلارغا كۈن يوقتۇر ئەسلا
ياخشىلىقلارنى كۇيلەيدۇ ھامان .
مانىۋېرى يوق فىلىمدە ئەسلا ،
ھەر قەدەم كەسكىن جەڭگاھتۇر ھامان .
يىغلىغانلارمۇ يالغان يىغلىماس ،
كۈلگەنلەرنىڭمۇ قەلبىدۇر پىنھان .
ئاسىيلىق قىلغان ئۈچۈن يوپۇرماق ،
يەرگە چۈشۈپلا بولماقتا خازان .
خاتا باسقان شۇ قەدەملەر ئۈچۈن ،
سوراق ئالىدۇ ھەر قەدەم ۋىجدان .
توغرا يولىنى باسقانلار ئۈچۈن ،
كېتىپ قالسلا قاينايدۇ قىيان .
ھايات دىگەن ئۇ ئەڭ بۈيۈك فىلىم ،
ھەر كۆرۈنۈشى شۇنچىلىك گۇزەل .
ئاڭلساڭمۇ گەر ھەتتا مىڭ قىتىم
ئاڭلىغىنىڭدىن بىر كۆرگەن ئەۋزەل .
2017-يىلى 5-ئاينىڭ 27- كۈنى.
تەھرىرلىگۈچى :مۇھەممەدتوختى سەببەت.
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
165 قېتىم كۆرۈلدى | ibrahem | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-27 0:33:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|