بەزىلەر (شېئىر)
ڧەراد
بىراۋلارنى قاخشىتىپ كۈلەر ئىكەن بەزىلەر،
كۈلكىسىدىن ئەسەر يوق ئۆكسۈيدىكەن بەزىلەر.
بىر بۇردىغا زار بۇلۇپ ئۆتەر ئىكەن بەزىلەر،
يەيدىغانغا قورساق توق تۆكەر ئىكەن بەزىلەر.
ئەل ئىشقىدا جان بېرىپ شىھىت بولدى بەزىلەر،
رىتسىپىنىڭ تاينى يوق《تىۋىپ》بولدى بەزىلەر.
تۇمان ئارا تېڭىرقاپ كەيىپ بولدى بەزىلەر،
بەش ئەزايى ساق تۇرۇپ تىلەپ ياتتى بەزىلەر.
مەرىپەتنىڭ نۇرىنى چېچىپ كەتتى بەزىلەر،
پىنەك ياساپ گېزىتتە چىكىپ كەتتى بەزىلەر.
ئىلىم-ئېرپان كانىنى قېزىپ كەتتى بەزىلەر،
تار كوچىدا نىشاندىن ئېزىپ كەتتى بەزىلەر.
بۇ دۇنياغا ياخشى نام قۇيۇپ كەتتى بەزىلەر،
قان دېغىنى قانلاردا يۇيۇپ كەتتى بەزىلەر.
ھاياتلىقنىڭ كۈيىنى چېلىپ كەتتى بەزىلەر،
شۇ كۈيگە تەڭ جۆر بۇلۇپ ئۈلۈپ كەتتى بەزىلەر.
16.ئاپىرىل
40 قېتىم كۆرۈلدى | ڧەراد | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-16 10:34:46 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|