كېتىمى
بۇ دۇنيادا كىملەر بار مۇرادىغا يەتكەندىن
ئۇ دۇنياغا ئارمانسىز غەمسىز ياشاپ كەتكەندىن
ئېغىر كۈن يوق جاھاندا نام نىشانسىز ئۆتكەندىن
بىز ئىنسانلار ئاخىرى ھەسرەت بىلەن كېتىمىز
ئىزلىرىمىز گۈل بولسۇن قالسۇن بۈيۈك نامىمىز
يالقۇنلىسۇن ئۆچمىسۇن چاقناپ تۇرسۇن شامىمىز
تومۇرلاردا دولقۇنلاپ ئېقىپ تۇرسۇن قېنىمىز
ئۆلمەيدىغان ئىنسان يوق ھامان ئۈلۈپ كېتىمىز
پۈكۈپ دىلغا ئارماننى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى
ئاماننىسا لۇتپۇللا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرى
ياشاپ ئۆتكەن بىر زامان بۈيۈك ئالىم كاشغەرى
بىزمۇ شۇنداق ئاخىرى ئارمان بىلەن كېتىمىز
ئاتا ئانا قېرىنداش قەدرىگە يەت ئۆلمەستە
پانىي بىلەن خوشلىشىپ ئۇ دۇنياغا كەتمەستە
قېنىۋالغىن مېھرىگە قىش جۇدۇنلار كەلمەستە
بىز ئىنسانلار ئاخىرى پۇشايماندا كېتىمىز
قىران چېغىڭ ياش چېغىڭ ئارمىنىڭغا يېتىۋال
ئاتا ئانا قېرىنداش مېھرىگە ھەم قېنىۋال
رازى قىلغىن ئۇلارنى كۆڭلىنىىمۇ ئېلىۋال
ھايات چەكلىك ئىنسانلار ئاخىرى يىغلاپ كېتىمىز
بۇ ئۈلۈمنىڭ كۆزى يوق ياش قېرىغا باقمايدۇ
كېلىپ قالسا ئەزرائىل توختا دىسەك ئاقمايدۇ
ئۈمۈر دىگەن ئاتقان ئوق ئۇ كەينىگە يانمايدۇ
ئىككى مېتىر لاتىنى تەنگە يۆگەپ كېتىمىز
2017-يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇرپان شەھىرى
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
97 قېتىم كۆرۈلدى | جامالىدىن يۈسۈپ يانار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-6 2:08:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|