ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋەتەن ساتقاننىڭ
ئېلىجان ئابدۇكېرەم
( بارچۇق ئوغلى )
سۇ سېپىۋەت يۈزىگە ئۇخلاپ ياتقاننىڭ،
تەستىكىگە ئۇرىۋەت غەپلەت باسقاننىڭ.
كەسكىن بولسۇن مەيدانىڭ تېرورچى كۈچكە،
ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋەتەن ساتقاننىڭ .
ۋەتەن بەرسە يىتەكلەپ ئاش،تۇز-نېنىنى،
بەرسە يەنە تۇلۇقلاپ تۇرمۇش كېمىنى،
يۈز ئۆرىشى جىنايەت تىكىپ جېنىنى،
ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋەتەن ساتقاننىڭ .
مەن ياشايمەن، مەردانە ئۇلۇغ ۋەتەندە ،
ۋەتىنىم بار مەغرۇرلۇق باردۇر بۇتەندە،
چىقسا ئۈنسۈر جازاسى تەييار ھەردەمدە،
ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋەتەن ساتقاننىڭ .
قانلار كىچىپ قۇرۇلغان ۋەتەن قۇدرەتلىك،
بۇ ۋەتەندە ھەربىر جان شۇڭا قىممەتلىك،
ئەل يولىدا ماڭايلى ئەجىر-مېھنەتلىك،
ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋەتەن ساتقاننىڭ .
قېرىنداش بىز ھەر مىللەت ئاق كۆڭۈل سەبىي،
ئىناق -ئىجىل ياشايلى ئۇيۇلتاش كەبىي،
يۈرتىمىزدىن يوقالسۇن رەزىل ئەسەبىي،
ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋەتەن ساتقاننىڭ .
پۇشايماندا ياش تۆكەر دەردتە پىچىرلاپ،
ئۆز جايىدىن ماڭالماس ھەرگىز قىمىرلاپ،
بارار جايى زىنداندۇر ياتار تىپىرلاپ،
ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋەتەن ساتقاننىڭ .
2017,,6,,11,,
تەھرىر :مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان
52 قېتىم كۆرۈلدى | dlkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-24 8:37:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|