يامان ئىكەن مۇساپىرلىق
مۇساپىر بولۇپ ياقا يۇرۇتتا ،
تولامېڭىپ پۇتلۇرۇم تالدى .
كۈلەي دېگەن ئىدىم سەھەردە،
قارا تۇمان قوينىغا ئالدى .
يازدا ئىزدەپ يۈرسەم سايىۋەن ،
مۇساپىرغا شامالمۇ قايناق .
يۈرۈكۈمگە باقماس ئۆزگىلەر ،
نەدە قالدىڭ كۆزلىرى ئويناق .
مەن تۈنىگەن يېشىل بۇغدايلىق،
پىشىپ كەتتى يۇيۇپ ئۆتمۈشنى.
قىشتا ياغقان ئاپپاق قار كەبى ،
بىلەلمىدىم سەبىي كۈلۈشنى .
ئاق مەرۋايىتتەك پارقىراق يۈزلەر،
تاپالمىدى بىراۋدىن سۆيگۈ .
ئويماق لەۋلەر تامشىپ ئۆزىچە ،
ئىزدەپ يۈرەر تاغلاردىن تۇيغۇ.
ناتىۋانلار تامام يوقاپتۇ ،
كەلگۈسىمىز تولىمۇ غۇۋا .
ئات مىنگىنى بولماستىن ئوغلان ،
بىر گۈل تۇرار ئېچىندىم توۋا .
گۈزەل تاغلار مەسخىرە ماڭا ،
تاقىر تاغلار ئۈچۈن يىغلايمەن .
ھەشەم داچا بولالماس تەسكىن ،
كېسەك تاملار ئۈـچۈن يىغلايمەن .
يۇرتۇم ئۈچۈن ماڭا ھاقارەت،
ئالتۇن ھەلدە بېزەلگەن داچا .
تۈز يول بولار پۇتۇمغا پۇتلاش،
ئەسلەپ تۇردۇم يوللارنى ئاچا .
مۇساپىرچىلىق يامان دەيدىكەن …
مۇساپىرچىلىق راسلا يامانكەن.
باشقا نەرسىلىرى ئەمەس،
تەنھا تاشلاشلىرى،
سېغىنىشقا باشلاشلىرى،
كۈلۈپ يۈرسە بىراۋلار جىمجىت ،
كۆزۈڭنى ياشلاشلىرى يامانكەن …
يارىڭ يىراقتا قالىدۇ ، سەن بولساڭ باشقا يۇرتتىكى ئاشىق مەشۇقلارنىڭ كەينىدىن ئاغزىڭنى چاكىلدىتىپ قالىسەن ……
مانا بۇ مۇساپىرچىلىق …
ئاناڭ ئۆيدە جېنىم دەيدۇ
ياقا يۇرتتا ساڭا جان ئەمەس دوستۇم دەيدىغانلار تايلىق مانا بۇ مۇساپىرلىق…
ئاتاڭ يېقىلغاندا تۇر بالام دەپ مەدەت بۇلىدۇ بىراق يات يۇرتلاردا يېقىلساڭ ھەممىسى ساڭا تېلفۇن كامىراسىنى توغۇرلايدۇ مانا بۇ مۇساپىرچىلىق ………
قېرىنداشلىرىڭ قىيىنچىلىقتا ساڭا ھەمدەم، ياقا يۇرتتا ئۆزۈڭ ئاۋارە قولۇڭ كەلمەيدۇ پۇتۇڭ بارمايدۇ ……
بىرسى مۇنداق قىلساڭ بولىدۇ دېمەيدۇ مانا بۇ مۇساپىرچىلىق … ئاخىرىدا يەنىلا تىرىشماي ئامالىڭ يوق بۇ بولسا تاللاش ……
قايغۇرما ئالەمنىڭ ئىشلىرى مۇشۇ،
بىركۈنى يىغلايسەن بىر كۈنى كۈلۈپ.
تىرىشقىىن قولۇڭغا ئېلىپ جاسارەت،
ئاتلانغىن ئەتىگە يېڭىڭنى تۈرۈپ.
ئېلتەرىش يازمىسى
137 قېتىم كۆرۈلدى | ئېلتەرىش | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 0:08:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|