كۆزلىرىم ياش بىلەن نەمدەلگەن كۈنى
كۆزلىرىم ياش بىلەن نەمدەلگەن كۈنى،
يۈرىكىم ئازاپتىن ئۆرتەنگەن كۈنى.
جىسمىمدا كۈچ-ماغدۇر قالمىغان كۈنى،
ئېسىمگە ئالىمەن پەقەت بىر سېنى.
ۋاز كەچتىم سۆيگۈدىن ئازاپ ئىچىدە،
چىرايىم كۈلكىدە قەلبىم ئەلەمدە.
يۈرىكىم كۆيىدۇ بىلسەڭ نىگارىم،
سېنىڭسىز مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان تۈندە .
ئاي ئاينى قوغلىشىپ ئۆتتى نەچچە ،
يۈرۈكۈم ئۇنتۇشتىن يىراق بىر تالاي.
تاللىشىم ئۈستىدە خىيال سۈرىمەن،
سەن ھامان قەلبىمدە پارلىغان بىر ئاي.
كۈلگۈم بار ئېچىلىپ ئىچ-ئىچىمدىن،
ۋە لىكىن كۈلۈشكە يەتمەس ماغدۇرۇم،
ئۇنۇتقۇم بار سېنى قەلبىم قېتىدىن،
ۋە لىكىن ئۇنتۇشقا ئاجىزمەن جىنىم.
يۈرۈكۈم كۆيىدۇ بىلەمسەن جىنىم،
ئازاپتا ئۆرتىنەر ئاجىز بۇ تېنىم.
ياش بىلەن يۇيۇلدى كۈندە يۈزلۈرۈم،
پەلەككە يەتمەكتە مېنىڭ نېدايىم.
قەدىريەم سېيىت
2015-9-30 بېيجىڭ
184 قېتىم كۆرۈلدى | قەدىريە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-30 15:55:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|