ئانام
ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر
ئانام تېمەن ۋاقتىدا بىرگە شەھەر ئايلانغان،
پولۇ ئەتكەچ ھەرۋاقىت ئېغىزىمىز مايلانغان .
ئانا سەنسىز ئوغلۇڭنىڭ ئىشتانلىرى قاتلاشقان ،
پەرزەنتىڭنىڭ يولىدىن باشقا بىرى ئاتلاشقان .
ئانام بولغاچ يېنىمدا ئويلاپ چىققان مەن ئايغا ،
يايلاقلاردا ياشاي دەپ ساراي سالغان مەن سايغا.
ئاناسەنسىز ئۆستۈڭۈمدە سۈزۈك سۇلار ئاقمايدۇ ،
ئانا سەنسىز ياخشى سۈزۈم باشقىلارغا ياقمايدۇ .
كۆزۈم ئوچۇق دۇنيادا ئانا چېھرى مەس بولدۇم ،
گەرچە خاقان بولساممۇ ئاناسى يوق پەس بولدۇم .
ئانا سەنسىز ھەر شەھەر خارۇ -زارۇ ۋەيرانە ،
بۇشاھىتقا تاغ -زېمىن بۇلۇتلارمۇ ھەيرانە .
2016.1.7
ئۈندىدار:
13009699741
ئەسلى پېتى بەھىرلەنگەيسىز
255 قېتىم كۆرۈلدى | takdir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-17 21:23:24 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-4-21 7:06:47 | ئالىم مەتتۇردى |
يارايسىز تىخىمۇ تىرشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|