ئازاپ

ئازاپ

 

 ئۆرتەندى يۈرىكىم ھەسرەت ئىچىدە،

 ۋىجدانسىز سېنىڭدىن كەلمىگەچ ۋاپا .

 يىغلىدىم كۈن - تۈنۈم تاپمىدىم چارە ،

 بارمىدۇ دەردىمگە دۇنيادا داۋا .

 *****

 شادلىقىم ئىدىڭغۇ ئەينى چاغلاردا ،

 سېنىڭسىز جىلۋە يوق گۈلدەك چىرايدا .

 ھاياتىم دەيتتىمغۇ سېنى ھەر قاچان ،

 گۈل - چىچەك ناز قىلغان گۈزەل باغلاردا .

 *****

ۋاپاسىز سۆيگۈنۈم تاشلاپ كەتتىڭغۇ ،

 ۋە لېكىن بىراۋنى سۆيۈپ ئۆتتۈڭمۇ .

 ئېيتقىنا ئۆزگىلەر ياخشىمۇ مەندىن ،

 ۋە ياكى سۆيۈشۈم يەتمەي قالدىمۇ .

******

سېنىڭسىز ئۆتكۈزگەن ھەربىر كۈنلىرىم ،

 ئويلىدىم سېغىندىم تۈنىدىم نەچچە .

بىلگۈم بار تۆككەن ئاشۇ ياشلىرىم ،

 چۈشۈڭگە كىردىمۇ بولۇپ باشقىچە .

 *******

بۇ جاھان ئۆتنىدۇر ئىشەنگىن يارىم ،

ئاجايىپ يانىدۇ بىلمەي قالىسەن ،

 يولۇقۇپ ئىت كەبى ئاسىي مەشۇققا ،

 ئاشۇ يارسۆيەتتى دەپمۇ قالىسەن .

 ********

كەچۈرگىن سۆيگۈنۈم ئۆزەمگە قايتاي،

 ئاشىقسىز مەشۇق بوپ يۈرمەيمەن ئەمدى .

 دادام تاغ ، ئانام باغ يۈلەنچۈكۈم بار ،

 تاپقىنىڭ ياخشىدۇر مەندىنمۇبەلكى .

 ********

ئۆزگىلەر تىلەركەن ئايرىلغان چاغدا،

 دىلىدىن سۆيگەن شۇ يارىغا بەخىت .

 مەن قانداق بىر بەندە كەچۈرمىدىمغۇ ،

 بىرەلمەس ماڭا ئۇ مەن كۈتكەن تەخت.

 *******

 ئويلىسام ئەي يارىم قىلغانلىرىڭنى ،

 ھېلىھەم يۈرەكنى ئازاپ ئۆرتەيدۇ .

 نە ئۈچۈن يۈرەكنى ئازاپلايسەن دەپ ،

ھەتتاكى يۈرەكنى ۋىجدان سوتلايدۇ .

*******

 بولدىلا ھەممىنى چۈش دەپلا قالاي ،

 ئۇنۇتاي سېنىڭدەك ۋاپاسىز يارنى ،

تىلەيمەن كېيىنكى ھايات يولۇمدا ،

كۆرگۈم يوق سېنىڭدەك نىيىتى قارنى .

 

 2015- يىلى 17- ئىيۇن مۆتىۋەر ئەخمەت (ئاۋات)





166 قېتىم كۆرۈلدى مۆتىۋەر ئەخمەت (ئاۋات) ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-13 4:12:47  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ