كۆمۈۋەتكىن سۆيگۇنۇڭنى
ئابلىمىتجان ۋاھاپ
سۆيگۇنۇڭنىڭ كۆزىنى كور قىلغىن،
ئەسلا كۆرمىسۇن،
ياماننى ،ياخشىنى ،ھەم ئىگىزنى …
ئاقنى،قارىنى،ھەتتاكى پەسنى…
مۇڭداشمىسۇن قىل ھەمدە گاس ،
دوستى ،دۇشمىنى،ئاتا-ئانىسى بىلەن……
ھەر ۋاقىت كۆرسۇن بىر سىنى…
ئاڭلىسۇن شىرىن سۆزىڭنى …
گۇلدەك ئىچىلسۇن ،
چاچسۇن خۇشپۇراقلار
ئەتراپقا …
باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق……
ياخشى كۆرسەڭ كۆمۈۋەت.
ھىچكىم تاپالمىسۇن،
قالمىسۇن بىرەر ئىز تارتۇق…
نەپەستىن توختىسۇن…
سېزىممۇ قالمىسۇن…
جانانىڭنىڭ ۋەسلىگە يىتەرسەن ئاندىن ،
تالاشمايدۇ سەندىن يات بالىلار
تالاشمايدۇ ھەتتا ئىت لالمىلار،
بولۇر سىنىڭ شۇلا يارىڭ…
قەبرىسىنى ئايلىنالماس قاغا قۇزغۇن،
قوزغۇن ئەمەس ،يىرتقۇچ قۇشلارمۇ،
شاماللار ئىلىپ كىتەر،…
قەبرە ئۇستىدىكى،
شىۋاقلارنى،
تاشلارنى ،
كېسەكلەرنى،
يات كۆرمىسۇن جانانىمنى دەپ،
قىلچىمۇ ئەنسىرىمەيسەن،
قاۋاپ ياتمىغان لالمىلاردىن ،
قېشىنى تەدۇرگەن،
ياتتىن، ئەركەكتىن …
چاچلىرىنى ھەرخىل…
قۇلاق تۇۋىدە،گەدىنىدە…
ئوڭ يىنىغا،سول يىنىغا…
كەستۇرگەنلەردىن…
قىزغىنىسەن بىرلا شۇنى…
ياخشى كۆرسەڭ ئۇنى كۆمۈۋەت…
قارىمايدۇ شۇ چاغ باشقىغا…
ھەممە تەنلەر جىمجىتتۇر ساڭا…
قەبرىسىنى يوقلايسەن كۇندە…
ئۇيقۇڭنى ئىلىپ قاچقاندا،
سىغىنشلىرى…
ئەسلەتكەندە ۋىلىق ۋىلىق،
ئەركىلەشلىرى…
تولغىنىسەن ئاھ- پاھ،
چۇش كۆرگىنىڭدە…
ئويغانساڭلا يوقتۇر قىشىڭدا…
كۆمۈۋەتكەنلىكىڭ كىلەر ئېسىڭگە…
سالغانتى سىنى كۆمۇشكە،
مۇھەببەتتە،ئارماندا ،ناگان ئارزۇلار………
سىنى شەخسىيتچى قىلار ئاخىرىدا…
63 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-13 1:31:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|