بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ
- ھەربىر ئۇيغۇر كۆرگىچە تارقىتايلى
يازغۇچىلار تورىدىن مەمەتجان يىمىت يازمىسى
بىرى تۇرسا ئورنىدىن، بىز قويىمىز ياتقۇزۇپ ،
بېرى ئاچسادۇكانلار ، بىز قويمىدۇق پاتقۇزۇپ .
بىرى تىكلىسە ئىرادە، بىزلەر قويدۇق ياندۇرۇپ،
ئويلا ھەر بىر ئۇيغۇرۇم، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
بىرى تاپسا مال- دۇنيا، كۆرەلمىدۇق كۆز قىزىرىپ،
ھەتتا ھارام ئارلاشتى، نەلەردىندۇ گەپ تېپىپ.
ھەقنى دېمەي يالغاننى، بىز يۈرىمىز ئەپ - سېتىپ،
قوللاڭ ھەق پۇل تاپقاننى، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
قىلالمايمىز چوڭ ئىشنى ، كىچىكىنى ياراتماي ،
ھەق سۆزلىسە بىراۋلار، ئۆزىمىزگە يولاتماي .
يانچۇقىمىز بەك قۇرۇق، تىرىشايلى ئولتۇرماي،
ئىزدىنەيلى ئۇيغۇرۇم، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
دوس دېگەنلەر ئۆز-ئارا ، كولاپ قويدۇق ئورىنى،
بۇنداق قىلساق دوسلۇقنىڭ، قانداق سالىمىز ئۇلىنى.
ۋىجدانى يوق بۇرادەر ، رەسۋا بولۇر ئاخىرى،
ۋاپادار بوپ ئۆتەيلى ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
بىرەر سوراپ قويمىدۇق ، ئاتا -ئانا ھالىنى ،
بىزلەر ئويناپ يۈرىمىز ، باققۇزۇپ ھەم بالىنى.
ئۇلار تارتىپ يۈرەرمۇ ، بىر ئۆمۈرگە جاپانى،
كۆيىنەيلى ئۇلارغا ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
ئەرلەر كەچتە يۈرىمىز ، ھاراق ئىچىپ قاۋاقتا،
ئۆيگە قايتىش ئۇنتۇلۇپ، قونۇپ قالدۇق ياتاقتا.
بىزنى ساقلاپ ئاياللار، ئۇخلىيالماي تاڭ ئاتسا ،
ئويلا ئوبدان ھەي ئەركەك، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ.
قىمار ھۇشۇق ئوينىدۇق، يانچۇقتىكى ئاز پۇلغا،
گەر قالمىسا يانمىدۇق، ھۆججەت يېزىپ نېسىيغا.
لېكىن ياردەم قىلمىدۇق، ھالى مىسكىن يوقسۇلغا،
ئويلىنايلى ھەي مىللەت ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
بالىلارغا ئۆگەتتۇق ،ئىنگىلىز ھەم خەنزۇچە ،
سۆزلىيەلمەس لىكىن ئۇ ،ئانا تىلدا ئۇيغۇرچە.
مىللەت تىلى ئۇنتۇلغان، شەرەپمىدۇ سېنىڭچە،
ئەجدادىمىز ئۇيغۇرغۇ ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
بىرى قىلسا ھەشەملەر ، بۇزۇپ چېچېپ تاپقاننى،
يوق بولسىمۇ دورىدۇق ، ئىزدەپ تېپىپ بارىنى.
بىزگە شۇنداق دوراشلار ، زىيان سالۇر ھامىنى،
ئويلا ھەر بىر ئۇيغۇرۇم ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
ئاكا- ئىنى قېرىنداش ، ئۇرۇشىمىز مىراس دەپ،
شۇ سەۋەپلىك ئۆز-ئارا، قالدى نۇرغۇن ئاچچىق خەپ.
لېكىن ئويلاپ باقمىدۇق ، بىزدىنمۇ ھەم قالۇر دەپ،
ئىجىل ئۆتسۇن قېرىنداش ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
قىزلار كەيسە كالتىنى، بىز قوللىدۇق مودا دەپ ،
ھەتتا ھارام ساتقاننى، بىز قوللىدۇق سودا دەپ.
بۇنداق ئىشنى كۆرگەندە، كەملىق قىلۇر ئاچچىق گەپ،
ئويلا ۋىجدان ئىگىسى ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
قىزىڭ تاپسا بىر يارنى ، ياراتمىدۇق يېزىنى ،
ھەتتا سوراپ يۈرىمىز ،يىگىتنىڭ پۇل ھالىنى .
ئاشۇ قىزلار تاپامدۇ ، پۇل مال بىلەن بەختىنى ،
ئويلاڭ ئاتا- ئانىلار ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
ئايال ماڭدى كەچقۈرۇن ،ئولتۇرۇش بار قاتار چاي ،
قاچانلاردا قېتىلدى ، بىزدە يوقتى ئۇنداق چاي .
بېرىپ كىرىپ كېتىدۇ ، تېپىپ شۇنداق خىلۋەت جاي ،
ئويلا ھەر بىر ئەركەكلەر ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
باغاق كەلسە كەچلىككە ، ئەر - ئايال تەڭ ماڭىمىز ،
ئۆيدە سەبى بالىنى ،گايى ئاچ - توق قويىمىز .
قايتىپ كەلسەك سورامدۇق ،قانداق بالام ھالىڭىز،
ئوقۇسۇن ئۇ بالىمىز ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
ھەممىسىنى دېمىدىم ،راسلا باردۇر بەزىسى ،
ياخشى گەپتە ئوڭشالماس ، بۇ زاماننىڭ بەزلىرى.
قاچان ئادا قىلىمىز ، ئۇشبۇ ھايات قەرزىنى ،
ئويلا ئەقىل ئىگىسى ،بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ .
بىزلەر بولساق ئەۋلاتنىڭ ، كەلگۈسىنىڭ ئۇستازى ،
بىزلەر قانداق ماڭغاندا ، شۇنداق بالا ئىزلارى .
بىز ئۇلارنى قىلايلى ، تەشنا بىلىم خۇمارى ،
ئۆگەنسۇن ھەم نەۋرىمىز ، بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ.
مەمەتجان يىمىت مەنزىلىم ~سەن
ئۈندىدار : qin akida 212
439 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان يىمىت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-4 22:26:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-10-11 21:41:15 | نۇرگۈل 1830901572 |
بۇ شېئىر بەك ياخشى چىقىپتۇ .بىز يۈرمەيلى چاندۇرۇپ ،ئاپتورى :مەمەتجان خالىسىڭىز مىنى ئۈندىدارغا قاتسىڭىز 1830901572سىزگە تەكلىپ -پىكىرىم باتتى |
2015-10-5 2:11:23 | bigubar |
bak yahxi mazmunkan.rahmat. |
2015-10-5 1:50:55 | bigubar |
hakikatan yahxi yeziliptu.bak yakturdum. |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|