قېزىرىپتۇ ، دادام قويغان گېلاسلار
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
باغقا كېرسەم قېزىرىپتۇ ، دادام قويغان گېلاسلار ،
يېگۈم كېلىپ تەڭشەلدىميۇ ، لىكىن نەپسىم توختىدى ،
سۈكۈت قىلدىم بېراز جىمجىت ، ئەگىدىغۇ خىياللار ،
پىچىرلىدىم ئۆز - ئۆزۈمگە ، شۇئان يۈرەك سوقمىدى .
نەپەسلىرىم توختىغاندەك ، تىقىلدىغۇ يۈرۈگۈم ،
پېتىنمىدىم ، دادام قويغان گىلاسلارغا قاراشقا ،
جىمجىتقىنە كېتىپ قالدىڭ ، ئىدىڭ مېنىڭ تۈۋرۈگۈم ،
قىزارسىمۇ سۇناي قانداق ، قوللۇرۇمنى گېلاسقا .
دادا قويغان گېلاسلىرىڭ ، مېۋىلەپتۇ كۆردۈڭمۇ ؟
شاخلىرىدا ساڭگىلاپتۇ ، مەي باغلىغان گېلاسلار،
شۆلگەيلىرىم ئاقتى دادا ، يىيەلمىدىم ، بىلدىڭمۇ ؟
ئۆز قولۇڭدا ئېلىپ بەرساڭ ، بولارمىدى ئارمانلار ؟
ئەجىر قىلماي يىيەلمىدىم ، مەي باغلىغان گېلاسلار ،
قاراپ قويۇپ ھوزۇرلاندىم ، خۇرسەن بولۇپ ئەجرىڭدىن ،
يوقلاپ تۇردۇم كۈندە بىر رەت ، چېرمىۋالغاچ خىياللار ،
يېمىسەممۇ رازى بولدۇم ، جېنىم دادا سېنىڭدىن .
بۈگۈن يەنە قەدەم ئالغان ، ئايلىناي دەپ بېغىڭنى ،
ئەگەشتىغۇ ئوماق نەۋرەڭ ، بىللە باراي دادا دەپ ،
تۇيۇقسىزلا ئوماق نەۋرەڭ كۆرسەتتىغۇ شاخلارنى ،
ئېلىپ بەرگىن يەيمەن دېدى ، پىشىپتىغۇ گېلاس دەپ .
بىلمىدىمغۇ ئۈزگىنىمنى ، نەۋرەڭ قولى گېلاسلار ،
ھوزۇرلاردا يىدى تاتلىق ، سەنمۇ يىگىن دادا دەپ ،
تاتلىق نەۋرەڭ ئېزىقتۇرغاچ ، يەپتىمەنغۇ گېلاسلار ،
يىگىن دىدىم تاتلىق نەۋرەڭ ، بوۋاڭ قويغان گېلاس دەپ .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
61 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-26 22:54:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|