بىلىپ قويدۇم
ئايتىللا ئەيسا تەشنائىي
سىناقلىق ئىكەن بۇ دۇنيا كۆرۈپ قويدۇم،
كۆرگەن قىسمەتلىرىمگە ھەم كۈلۈپ قويدۇم.
ئالدىمدا گۈل بولسا كەينىمدە تىكەن بوپ،
مېنى قەسىتلەپ يۈرگەنلەرنى بىلىپ قويدۇم.
ھەت قىسمەت كېلەر ئىكەن ئىنسان بېشىغا،
تەقدىرمۇ باقماس ئىكەن ئىنسان يېشىغا.
بېشىمغا كۈنلەر چۈشۈپ پادا باققاندا،
كىملەر دوستۇم،كىملەر ئەمەس بىلىپ قويدۇم.
دوسىتلۇقلار پايدىلىنىش بوپ قالدى ئاخىر،
كۆپۈككە ئايلاندىغۇ شۇنچە كۆپ ئەجىر.
ئەتراپىمدا پەرۋانە كەبى ئايلىنىپ،
دوسىت دىگەنلەر دوسىت ئەمەسكەن بىلىپ قويدۇم.
177 قېتىم كۆرۈلدى | ئايتىللا ئەيسا تەشنائىي | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 17:00:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-19 1:07:59 | يىگانەئاشىق |
مېنىڭچە ياخشىي بوپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|