كەتمىگىن
كەتمىگىن يار بۇنچە ئالدىراپ،
ۋەدىلەرنى بۇزۇپ بۇنچە تېز
مۇھەببەتلىك قەلبىم بېغىغا ،
قاراپ تۇرۇپ باشلىمىغىن كۈز.
يار سېنىڭسىز باغرىم زىمىستان،
كۈلكىلەرگە ياتتۇر دىلجاھان .
سۆيگۈ بىلەن ياشنىغان ھايات ،
ئۆز قولۇڭدا بولمىسۇن خازان.
ئۆزۈڭ ئاتقان سۆيگۈ تېشىنى ،
ئەسلى تىنىچ تۇرغان قەلبىمگە .
تۇتاشتۇرۇپ يۈرەكلەرگە يول ،
مېنى باشلاپ قەلب ئۆيۈڭگە.
مۇھەببەتتىن باغلار ياسىدۇق ،
جۈپ يۈرەكتىن بېرىپ ئاڭا جان .
پەرۋىش ئەتتىم ساداقەت بىلەن ،
سېنى قىلىپ خانەمگە سۇلتان.
ئەمدىلىكتە كېچىپ ھەممىدىن،
يېنىۋالما قىلغان سۆزۈڭدىن.
پاك سۆيگۈمنىڭ ئوغرىسى بولۇپ،
يالغانلارنى تۆكۈپ كۆزۈڭدىن.
ئېزىتقۇلار ئاش بولماس ساڭا ،
قىلار سېنى نەيرەڭگە شەيدا .
ئاشىقلارنى ئايرىغان قارا قول،
ساڭا بەخت بېرەرمۇ يانا.
تۇتۇپ باققىن يۈرىكىمنى يار ،
ۋاپا نىمە تاپىسەن جاۋاب.
تۇتۇپ باققىن يۈرىكىڭنى يار ،
قىلىپ يۈرمەي شەيتانغا تاۋاب .
ئىنسان شۇنداق ئازىدۇ بەزەن ،
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ئەسلا.
كۈلۈپ تۇرۇپ ئاچىمەن قۇچاق.
ئەقىل كۆزۈڭ ئېچىلسا قايتا.
-ئايجامال گاسىل ئايتۈرك
(قومۇل ئاراتۈرك) 2015.8.30
193 قېتىم كۆرۈلدى | ayturk926 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-4 14:23:30 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|