باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ
ئۇزخېنىم ھەسەن
چىچەك رەيھان ئېچىلغان چاغدا،
كاككۇك كەلدى سايرىدى باغدا.
مەن يۈرىمەن ھىجراندا داغدا،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.
بىللە يۈرگەن يوللاردىن سوراپ،
سۈرىتىڭگە نەچچە رەت قاراپ.
سەنسىز ئۆتكەن كۈنلەرنى ساناپ،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.
كىمنى كىملەر ئەسلەيدۇ بۈگۈن،
كىمنى كىملەر ئىزلەيدۇ بۈگۈن.
تەقدىر قانداق ئەتە ۋە ئۆگۈن،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.
بۇلبۇل گۈلنىڭ شاخىگە قوندى،
يۇلتۇز ئاينىڭ يانىگە قوندى.
بۇ يۈرەگىم دەتلەرگە تولدى،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.
سۆيگۈم سەندىن ئۈمۈد ئۈزمەيدۇ،
ئەلەم ھەسرەت مىنى قەسىتلەيدۇ.
سېغىنىشلەر جاننى ئۆرتەيدۇ،
باھار كەلدى نىگار كەلمىدىڭ.
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار : qq1165181317
مۇھەرىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇقادىرى
ئۈندىدار :2041420589
40 قېتىم كۆرۈلدى | تۇخېنىم ھەسەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-30 1:28:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|