سىغىندىم ئاتا
قارغايدەك قامەتلىك ئىدىڭ سەن ئاتا ،
سۇندىڭغۇ بۇگۇن سەن شۇم ئەجەل كىلىپ.
يۇرەكلەر يىغلىدى قەبرەڭ باغاشلاپ،
كەلگەچكە شاماللار ھىدىڭنى ئىلىپ .
تۇرىدۇ سۇكۇتتە قەبرەڭ دۇمچىيىپ،
يەتمەيدۇ چاقىرسام ساڭا ئاۋازىم .
كۇزۇمدىن چىقتىغۇ يۇرەككە پاتماي ،
سىنىڭدىن ئايرىلغان چاغدا ئازابىم.
قارا يەر ئىلكىدە ياتىسەن جىمجىت،
قالدۇرۇپ ھەممىنى ئازاپ قۇينىدا .
تىڭىرقاپ قالدىم مەن بىلەلمەي پەقەت،
نىملەر قالدىكىن تەقدىر ئۇينىدا .
ئادىلجان .(ئابلاخمەت)
2015-يىلى 6- ئاينىڭ 12-كۇنى (جۈمە )
202 قېتىم كۆرۈلدى | abral | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-2 14:20:27 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|