كۆمۈۋەتكىن سۆيگۇنۇڭنى
ئەركىن شېئىر
ئابلىمىتجان ۋاھاپ
سۆيگۇنۇڭنىڭ كۆزىنى كور قىلغىن،
ياماننى ،ياخشىنى ،ھەم ئىگىزنى …
ئاقنى،قارىنى،ھەتتاكى پەسنى…
كۆرمىسۇن بولدى قىل بەس…
مۇڭداشمىسۇن قىل ھەمدە گاس ،
دوستى ،دۇشمىنى،ئاتا-ئانىسى بىلەن……
ھەر ۋاقىت كۆرسۇن سىنىلا…
ئاڭلىسۇن شىرىن سۆزىڭنىلا سىنىڭ…
گۇلدەك ئىچىلسۇن ،
خۇشپۇراقلار ئەتراپىڭغا چىچىلسۇن…
باشقىلاردىن ئارتۇق……
ياخشى كۆرسەڭ…
كۆمۈۋەت ھىچكىم تاپالمىسۇن،
قالمىسۇن بىرەر ئىز تارتۇق…
نەپەستىن توختىسۇن…
سېزىممۇ قالمىسۇن…
جانانىڭنىڭ ۋەسلىگە يىتەرسەن ئاندىن ،
تالاشمايدۇ سەندىن يات بالىلار
تالاشمايدۇ ھەتتا ئالا لالمىلار،
بولۇر شۇندا،ئۆز يارىڭ…
قەبرىسىنى ئايلانماس قۇچقاچ،
قۇچقاچ ئەمەس ،قاغا قوزغۇنمۇ،
شاماللار ئىلىپ كىتەر،…
قەبرە ئۇستىدىكى،
شىۋاقلارنى،
تاشلارنى ،
كېسەكلەرنى،
يات كۆرمىسۇن جانانىڭنى دەپ،
قىلچىمۇ ئەنسىرىمەيمەن،
قاۋاپ ياتمىغان لالمىلاردىن ،
قېشىنى تەدۇرگەن ئەركەكتىن ،
چاچلىرىنى ھەرخىل…
قۇلاق تۇۋىدە،گەدىنىدە…
ئوڭ يىنىغا،سول يىنىغا…
كەستۇرۋالغانلاردىن…
قىزغىنىسەن بىرلا شۇنى…
ياخشى كۆرسەڭ كۆمۈۋەت…
قارىمايدۇ ئاندا باشقىغا…
ھەممە تەنلەر جىمجىتتۇر ساڭا…
قەبرىسىنى يوقلايسەن كۇندە…
ئۆرتىگەندە سىغىنشلىرى…
ئەسلەتكەندە ئەركىلەشلىرى…
تولغىنىسەن چۇش كۆرگىنىڭدە…
ئويغانساڭلا يوقتۇر قىشىڭدا…
ئۆلتۇرۋەتكەنلىكىڭ كىلەر ئېسىڭگە…
جاۋاپ ئەگىر ئەقىل ھوشۇڭدا…
ياخشى كۆرگەچكە كۆمۈش …
مۇھەببەتتە،ئارماندا ،ناگان ئارزۇلار………
سىنى شەخسىيتچى قىلار ئاخىرىدا…
2017-يىلى4-ئاي كەچ
123 قېتىم كۆرۈلدى | tanhaturna | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-22 1:56:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|