ئانام بولغاچ
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
ئانام بولغاچ كۈلەلىدىم سەھەردە ،
ئانام بولغاچ بىغەم يۈردۈم قەدەمدە ،
دەرتلىرىممۇ بىلىنمىدى زادىلا ،
ئانام بولغاچ غەمگۇزارىم ھەمدەمدە .
ئانام بولغاچ نەپەسلىرىم رېرىملىق ،
ئانام بولغاچ يىگەنلىرىم تېتىشلىق ،
يالغۇزلۇقنى سەزمىدىمغۇ زادىلا ،
ئانام بولغاچ ھەممىلەرگە بەرداشلىق .
ئانام بولغاچ تىلغانمىدى يۈرەكلەر ،
ئانام بولغاچ ئازدۇرمىدى قەدەملەر ،
ئۆكسىمىدىم بۇ ھاياتتىن زادىلا ،
ئانام بولغاچ توۋلىدىمغۇ غەزەللەر .
ئانام بولغاچ قانى-كۆكسۈم توق بولدى ،
ئانام بولغاچ خۇشاللىقلار جۈر بولدى ،
تېڭىرقاشتا بولمىدىمغۇ زادىلا ،
ئانام بولغاچ ئازاپلىرىم يوق بولدى .
ئانام بولغاچ ھايات ماڭا گۈزەلدۇر ،
ئانام بولغاچ شېرىن چۈشلەر ھەمراھدۇر ،
قاراڭغۇلۇق بىلمىدىمغۇ زادىلا ،
ئانام بولغاچ ياشلىق چېغىم قۇياشتۇر .
ئانام بولغاچ رەڭدار بولدى ھاياتىم ،
ئانام بولغاچ چىقتى مېنىڭ قاناتىم ،
مەڭگۈ ناخشا ياڭرىتىمەن ئانام دەپ،
بايرىمىڭغا مۇبارەكتۇر جان ئانام .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
52 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-14 13:41:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|