قانداق كېچەي سېنىڭدىن جىنىم
مۇھەممەتجان ئابلىمىت
قانداق كېچەي سېنىڭدىن ،
كۆيۈپ تۇرسا بۇ يۈرەك .
سۆيەلمەيمەن باشقىنى ،
ئۇز چىمەنلەر نە كېرەك.
يار سېنىڭسىز بېغىمدا ،
ئېچىلمايدۇ گۈل چېچەك .
قاراپ ھوزۇر ئالىمەن ،
ئاسماندىكى ئاي ئۆزۈڭ.
ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتار ،
شىرىن تاتلىق بال سۆزۈڭ .
گويا تىنىق بۇلاقتەك ،
ماڭا باققان قوي كۆزۈڭ .
گۈللەر تازىم قىلىدۇ ،
گۈلدىن گۈزەل سېھرىڭدىن.
قۇياش كەبىكەبى باقىسەن ،
كۈلكە كەتمەس چېھرىڭدىن .
راھەت تاپۇر تەنلىرىم،
سېنىڭ ئىللىق مېھرىڭدىن .
سۆيۈپ ئۆتسەم بىر ئۆمۈر ،
سېنى قىلچە ئارمان يوق .
ئىشەن مېنىڭ ھەق سۆزۈم،
سۆزلىرىمدە گۇمان يوق .
بۇ جاھاندا سۆيگۈمدىن ،
كېچىش ئۈچۈن پەرمان يوق .
سۆيگۈم ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ،
جان بېرىشكە مەن تەييار.
سۆزلەپ قويسام ئاز- تولا ،
دەپ قالمىغىن ئۇ ھەييار .
مەيلى بولساڭ سەن قانداق،
سەن مېنىڭكى، ماڭا يار .
پاك سۆيگۈمگە سۆيگۈ بەر ،
مىنى دائىم ئويلاپ تۇر جىنىم.
كوچىسىدا سۆيگۈنىڭ ،
تىنماي خەندان ئۇر جېنىم .
قۇۋۋەت بەرگىن قۇياشتەك ،
چېچىپ ئىللىق نۇر جېنىم .
145 قېتىم كۆرۈلدى | 13779696962 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-22 11:16:59 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|